رەڭگارەڭ سۆزلەر
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
ئۆلۈمنىڭ ئاپئاق رەڭگىنى قارا رەڭدە ئالداۋاتىسەن
ھاياتنىڭ سېرىق سۇلىرىنى يېشىل رەڭدە چايقاۋاتىسەن
ئۆمرۈڭنى زىرىكىشلىك قىزىل رەڭدە بوياۋاتىسەن
مۇھەببەتنىڭ مەينەت كېسەللىكىنى
ھەتتا
يۈرىكىڭنىڭ مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكىنى
ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ
قاراڭغۇ كوچىلاردىن مەشئەل كۆتۈرۈپ ئۆتكەنلىكىنى
ئۆلۈكلەرنىڭ ئەبەدىلىك تەبەسسۇمىدا
تەڭرى چىھرىدەك
ھەممە رەڭلەرنىڭ ئۈزۈل- كېسىل ئۆچكەنلىكىنى
سۆزلەۋاتىسەن...