HTML Text Direction

بىر-بىرىمىزدىن يىراقلاشقا باشلىغاندىلا
ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان

گاھىدا سەن بىلەن ئالمىشىپ قالىمەن - دە
مەن ماڭىدىغان شامالنىڭ ئەتراپىدىن
سېنىڭ ئالدىراش كېتىۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ قالىمەن
گاھىدا مەن بىلەنمۇ ئالمىشىپ كېتىسەن - دە
سەن ماڭىدىغان كېچە ئورمانلىقىدىن
مېنىڭ كۈندۈز جەرىنىدەك تاقلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىمنى سېزىسەن
گاھىدا دوقۇرۇشۇپ قالىمىز
ھەمدە ئۇزاقتىن ئۇزاق مۇڭدىشىمىز
بىراق، مىدىرلايدىغان ئېغىزىمىز يوق
كۆرىدىغان كۆزلىرىمىز يوق
ھەتتا
تېنىمىزگە تەۋە بىرمۇ ئەزا يوق!
پەقەت
بىر-بىرىمىزدىن يىراقلاشقا باشلىغاندىلا
ئورنىمىزدىكى كۈچلۈك تەشۋىش پۇرىقى بىزنى سېغىندۇرىدۇ
شۇنداقلا
ئۇنىڭدىن كۆتۈرۈلگەن كولدۇرمىنىڭ غايىپ ئاۋازى
قاتتىق چۈشلىرىمىزنى
داۋاملىق بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ