HTML Text Direction

تەن
تاھىر ھامۇت

سۈرگۈن سۇدىن
سەرسان يىغىلىشتىن
ئۈزۈل ـ كېسىل سوقۇلۇشتىن
ناتونۇش قۇچاقلىشىشتىن
مۇزدەك چاپلىشىشتىن
كۆز يەتكۈسىز مىجىلىشتىن
تىمتاس يۇمۇلاشتىن
ئۆلگۈر سىلىقلىنىشتىن
ۋە
نەتىجىسىز ئۇنۇتۇلۇشتىن كېيىن
ئاخىر
قۇملار تاشقا ئايلاندى

            2016 ـ يىل 1 ـ ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى