HTML Text Direction

نېمە ئىدى
تاھىر ھامۇت

نېمە ئىدى
يىراقلاردىن، يايسىمان سۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىن
چۈشۈپ قالماي، ماڭا ئېسىلىپ بىللە كەلگىنى؟
سارغۇچ ھورغا يېزىلغان ئاجىز قەسەممۇ
قىيپاش ئالدى تەرەپتىكى تەۋەككۈلچىلىكمۇ
ياكى
قولدىن قولغا ئۆتكەن قاتمۇ-قات خىرەلىكمۇ؟

بۇ كۈنلەر
ئۈزۈك-ئۈزۈك ئۇپۇقلارغا تولۇپ كەتتى
ئۈزۈك-ئۈزۈك!

قېچىش پەسلىدە
چاماداننىڭ قات-قېتىغا يوشۇرۇنسا تەنبېرىش
ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە ياخشى گۇمان
بارغانسېرى داۋاملاشسا تۇيۇق يول
ئىككىنچى قەۋەتتە توختىسا كۆچ-كۆچ
نېمە ئىدى
ساڭا مېنىڭ تېخى تىرىك ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرمىگىنى؟

مېنىڭ باتىنىم بىلەن زاھىرىم شۇ قەدەر ئاددىي:
ئەي قارا كۆز،
ئىچىدىن قىزىرىدىغان بىر تۈپ دەرەخ
تاشقا ئايلىنار مېنىڭ يېنىمدا.

بىر باغلام خۇشبۇي ئادراسمان
ئىتتىك ئۆسەر، پورەكلەپ ئېچىلار
بۇرۇنقى ئىشىكنىڭ تۈۋىدە.

        2017- يىل 7- نويابىر، ۋاشىڭتون د س