HTML Text Direction

تام
تاھىر ھامۇت

تاڭ سەھەر سوغ ھاۋا تەگدى يۈزۈمگە،
سۈبھىنىڭ ئاچچىقى كەلمەكتە پۇراپ.
يۇلتۇزلار ئۈستۈمدە كىچىك ھەم ئېگىز،
تۇرىمەن جۇۋىدا ئۆزۈمنى ئوراپ.
قەشقەرنىڭ سوغۇقى يېڭىلىق ئەمەس،
تەبىئەت قەلبىمدەك قارا، ناتونۇش.
ئېگىز تام يۈزىگە خەت يېزىپ قويدۇم:
مەندىكى ئەركىنلىك - ئەسلەش، ئۇنۇتۇش.
ئاخشامقى قايناقسۇ مۇزلىدى چوقۇم،
قوۋزاقلار ئېھتىمال كەتتى يېرىلىپ.
پۇتۇمدا لاتا كەش، بېشىمدا تۇماق،
قارايمەن ئەتراپقا كەيپىم چېچىلىپ.
دەرەخنىڭ ئۇچىدىن چىقار يەنە كۈن،
خىرە نۇر تېخى يوق شەرقتە - تاغدا.
ئويغىنىش پۇشتىكى چېلىنار ئەمدى،
رىزۋانگۈل ئەسلىدىم سېنى شۇ چاغدا.