HTML Text Direction

كەينىڭلاردىن ئەۋەتتىم قاراڭغۇلۇقنى 
ئەخمەتجان ئوسمان

بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپلا
يىرتقۇچ ئىستەك قۇشلىرىغا ئۇچراشتىن بۇرۇن،
زۇلمەتلىك مۇساپىلەر بورىنىدا
ئۆمۈر بويى خىيال سۈرگەنلەر!
ئەي، ئەجدادلىرىم...
مەندىن كېيىن ياشايدىغانلار!

ئەي، تۈن شاخلىرىدا ئېچىلغان
مېۋە بەرمىگەن
چېچەكلەر!

ئەي، يۈزىڭلارغا بۇرۇنقى زامان
نۇرلۇق تورىنى توقىغانلار!
مەڭگۈلۈكتە ئۇزىغان مەخپىي ئىشىكتەك
تىك تۇرغانلار!
پۇتلىرىڭلار قانىغان بوسۇق.

ئادرېسسىزمۇ
تاپشۇرىۋالدىم يوللىغان رىسالەڭلارنى
ھەم سىلەرنى ئىزدەي دېگەن نىيەتتە
كەينىڭلاردىن ئەۋەتتىم قاراڭغۇلۇقنى.

            2004- يىلى، ئەنقەرە