HTML Text Direction  

بوران
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

قەدىمىي قان كىتابىدا
جەڭ ئاتلىرىنىڭ قۇيرۇقىغا سۆرىتىلگەن ۋادىلار
ۋە ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىراشلىرى
بوران دېيىلگەندۇر.

زېمىن
ئاخىرى
تۇپراقتىن ئەمەس،
يىرتىلغان
پارچە- پارچە
كەمتۈك خەرىتىلەردىن قايتا قۇراشتۇرىلىدۇ...

        2016- يىل 12- ماي، قوشتاغ