HTML Text Direction

سېنى سۆيىمەن 
ئابىدە ئابباس نەسرىن

ئىچىمدىكى قاداقلار بىلەن قەسەمكى
كالپۇكى ئاقىرىۋاتقان ئۈمىدلەر بىلەن قەسەمكى
چىقالمايۋاتقان جېنىم بىلەن قەسەمكى
سەن يوق تاڭلار بىلەن قەسەمكى
تامغا ئايلىنىپ قالساڭمۇ سېنى تونۇيمەن
بىر قۇشنىڭ يانچۇقىدا بولساڭمۇ سېزىمەن
يىلان بولۇپ قايتا تۇغۇلساڭمۇ بىر سېنى سۆيىمەن.

            2020.04.10