HTML Text Direction


قەسىدە
پەرھات تۇرسۇن

        «سېنىڭ روھىڭ پۈتۈن دۇنيا.»
        — ھەرمىن ھەسسى، «سىددىخارتىخا»

قاچ-قاچتا مۇزداۋاندا توڭلاپ قالغان جەسەتلەر ئىچىدىن مېنى تونۇيالامسەن؟ پاناھ تارتقان
قېرىنداشلار سالدۇرىۋالدى كېيىملىرىمىزنى. ھازىرمۇ ئۇندىن ئۆتسەڭ ئۇچرايدۇ يالىڭاچ 
جەسەتلىرىمىز. قەتلىئامنى ئۇلار ماڭا مۇھەببەت دەپ تاڭغاندا
بىلەمسەن مەن سەن بىلەن بىللە.

ئۈچ يۈز يىللىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تونۇمايدۇ ئۇلار بىر بىرىنى، بىلمەيدۇ ھەم ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى
زەھەرنى ئېسىل شاراب بىلىپ خوشاللىق بىلەن ئىچىۋەتكەن مەن
ئۇلار كوچىلاردىن غايىپ بولغان گەۋدەمنى ئىزدەپ تاپالماي يۈرگەندە
بىلەمسەن مەن سەن بىلەن بىللە.

كاللىلاردىن ياسالغان ئاشۇ مۇنار ئىچىدە بار مېنىڭمۇ كاللام
قىلىچنىڭ ئىتتىك گاللىقىنى سىناش ئۈچۈنلا كەسكەن مېنىڭ كاللامنى. قىلىچ ئالدىدا
بىز سۆيگەن سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى خۇددى تەلۋە ئاشىقنىڭ ۋۇجۇدىدەك گۇمران بولغاندا
بىلەمسەن مەن سەن بىلەن بىللە.

بازاردا ئېگىز تۇماقلىقلار قارىغا ئېلىش مەشىق نىشانى بولغاندا مېڭىسىگە ئوق سانجىلغان كىشىنىڭ
چىرايى ئازابلىق سوزۇلۇپ، ئۆزىنىڭ
ئۆلۈش سەۋەبىنى بىلمەك بولۇپ قارىغان كۆزىنىڭ ئالدىدا جاللاتنىڭ گەۋدىسى غۇۋالىشىپ يوقالغاندا
ئوق سانجىلغان مېڭىدىكى قىزىپ كەتكەن تەپەككۇردا ئەكس ئەتكىنى مېنىڭ گەۋدەم، ئاشۇ چاغدا
بىلەمسەن مەن سەن بىلەن بىللە.

شاراب ئىچىش قان ئىچىشتىنمۇ ئېغىر گۇناھ ھېسابلانغان ئاشۇ دەۋرلەردە،  بىلەمسەن ئادەم قېنىدا
چۆگىلىگەن تۈگمەندە تارتىلغان ئۇننىڭ تەمىنى؟ ئەلىشىر ناۋائى
ئەسەبىيلەرچە خام خىيال قىلىپ  چىققان شارابنىڭ تەمى ئۈلگە ئېلىنغان مېنىڭ قېنىمدىن
چەكسىز سىرلىقلاشقان ئاشۇ مەستلىكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا
بىلەمسەن مەن سەن بىلەن بىللە.

        2006- يىل 3- ئاي، بېيجىڭ، شىخوڭمىن